بېيجىڭ، 16-ئۆكتەبىر (شىنخۇا ئاگېنتلىقى) — سانائەت سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل (NEV) بازىرىنىڭ گۈللىنىشى سەۋەبىدىن، سېنتەبىردە جۇڭگونىڭ ئېلېكتر باتارېيەسىنىڭ ئورنىتىلغان سىغىمى تېز سۈرئەتتە ئاشقان.
جۇڭگو ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۆتكەن ئايدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنىلارنىڭ باتارېيەسىنىڭ ئورنىتىلغان سىغىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %101.6 ئېشىپ، 31.6 گىگاۋات-سائەتكە يەتكەن.
ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، NEV لارغا تەخمىنەن 20.4 GWh لىتىي تۆمۈر فوسفات (LiFePO4) باتارېيەسى ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ ئۆتكەن يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %113.8 ئېشىپ، ئايلىق ئومۇمىي مىقدارنىڭ %64.5 نى ئىگىلىگەن.
ئاپتوموبىل جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ NEV بازىرى سېنتەبىردە ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، NEV نىڭ سېتىلىش مىقدارى ئۆتكەن يىلدىكىدىن %93.9 ئېشىپ، 708 مىڭ دانىگە يەتكەن.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى